<?xml version="1.0" encoding="UTF-8"?><song><lyrics>[V1]
 ئەي ئىنسان سەن غاپىل بولماي
 ئاڭلىغىل بۇ نەسىھەت:
 دەۋەتنى سەن تەخىر قىلماي
 قوبۇل قىلغىل مەرھەمەت
 گۇناھكارسەن توبە قىلغىل
 ھەر گۇناھنى قويغىل پات
 ئەيسا ھازىر ئۇڭا كەلسەڭ
 بېرەر ئەپۇ ھەم ھايات

[V2]
 مانا يولۇڭ ئەي بۇرادەر
 ئاسىل يولدىن يىراقتۇر
 ئاندا ئىنتقام ھالاكەت
 ھەر تەرەپتە كۆرۈنەر
 غاپىللىقتىن ھازىر قوپغىل
 ھەر ۋاقىت بولغىل خەۋەردار
 قانچا چوڭ گۇناھىڭ بولسا
 تىخى چوڭ ئىنايەت بار.

[V3]
 ئەيسا ھەر ۋاقىت ھازىر تۇرۇر
 سېنى قوبۇل قىلغىلى
 رەھىم كەرەم دۇر ھەر قادىر
 باغىشلار گۇناھىڭنى
 ئەمدى تۇرماي كۆڭلۈڭ بىلەن
 تەۋپىق رەھمەت تىلەگىل
 پۇرسەت سەندىن ئۆتمەس ۋاقتتا
 ھازىر بولسا بىلىپ قىل

[V4]
 پەس ئەي دوستۇم تەخىر قىلماي
 قوبۇل قىل ئىنايەتنى
 ھازىر كەلگىل سەيياھ قىلماڭ
 قولۇڭدىكى پۇرسەتنى
 چۈنكى لۇتىپنىڭ ۋاقىتى ئۆتۈر
 ئاندىن توبە دۇر بىكار
 ئەيسا دەۋەت قىلغان سېنى
 قوبۇل قىل ئەي گۇناھكار.</lyrics>
<title>Gudakärlek utan like</title>
<aka>ئەي ئىنسان سەن غاپىل بولماي</aka>
<author>كهَرلِس وِسلِي, جُهن زُندِل</author>
</song>